-
2009-06-26
سەمىمىي نەسھەت ھاراق ئىچمەڭ! - [تەۋىسيىلىك ئەسەرلەر]
سەمىمىي نەسھەت ھاراق ئىچمەڭ!
ھاراق-شاراپ ھەر قانداق مەس قىلىش تۈردىكى ھەر قانداق ئىچىملىك ساغلام ئەقىدە، ئەخلاقتا قەتئىي چەكلەنگەن، ھارام يېمەكلىك قاتارىدا ئىستېمال قىلشتىن تۇسۇلغان. بۇ ۋەز ئۈچۈنلا دىيىلگەن گەپ بولماستىن، ئەخلاقىي، ئىلمىي، نەزىريىۋى ئاساسى بار جىڭ گەپ. ئالدى بىلەن ھاراق ساغلاملىقنىڭ دۈشمىنى، ھاراق يېمەكلىك، زىرائەتلەرنى ئېچىتىش ئۇسۇلى بىلەن ياسىىلدىغان بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئىسپىرىت، ئىشقار، كىسلاتا تەركىبى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. ھاراق ئەڭ ئالدى بىلەن نېرۋا سېستېمىسنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئاشقازان، جىگەر، يۈرەك ۋە بۆرەكنى ئاستا- ئاستا كاردىن چىقىردۇ. يەنى قۇتىدا جىم تۇرغان سۇيۇقلۇق پوكىنىڭىزدىن ئۆتكەن ھامان جىم تۇرمايدۇ، سىزنىمۇ جىم تۇرغۇزمايدۇ. خۇددى ئەبۇل خاراچ بايان قىلغاندەك: « ئۇنى ئىچكەن ئادەم تۆۋەندىكىدەك تۆت سۈپەتكە ئىگە بولدىكەن. دەسلەپتە ئۇ تاۋۇسقا ئايلىنىپ ئۆزنى كۆز- كۆز قىلدىكەن. ھەركەتلىرى راۋان ئۆزىنى ئۇلۇغۋار ھېس قىلدىكەن. كېيىن، مايمۇن قىياپىتىگە كىرىپ ئادەم بىلەن چاقچاقلىشىپ قىزىقچى بۇلۇشقا باشلايدىكەن. ئۇنۇڭدىن كېيىن بولسا، شىرغا ئايلىنىپ ئۆزىگە مۇنار تىكلەيدىكەن، مەغرۇرلۇق تۇتۇپ، ئۆز كۈچىگە ئىشنىپ كېتىدىكەن. لىكىن ئاخىردا چوشقىغا ئايلىنىپ، ئەخلەتتە چوشقىدەك ئېغىناپ ياتىدىكەن».
ھاراق سىزنىڭ ئەخلاقىي- پەزىلىتىڭىزنى يوق قىلىپ سىزنى پەس، رەسۋا، رەزگى قىلۋىتىدۇ. ئۆزىنىڭ تېنىغا، جېنىغا دۇرۇس مۇئاملە قىلالمايدىغان، ئىرادىسى ئۇنچىۋالا قەتتىئي، ساغلام بولمىغان ئادەم ھاراق شارابقا ئۆزىنى ئۇرۇپ، نەسلىككە بېرىلىپ كېتىدۇ. ھاراق- ئەخلاقسىزلىقنىڭ مەنبەسى. ئۇ سىزنىڭ ئەس- ھۇشۇڭىزنى يوقىتىپ بىھايا، بەدقىلىقلىققا مېڭىشىڭىزغا سەۋەب بولدۇ. ئىنتايىن تەقۋا، مۆمىن بىر بالىنىڭ ئالدىغا ھاراق، پىچاق، بالا ۋە سەتەڭ خۇتۇنلار كەلتۇرلۈپ، ھاراق ئىچىش، بالنى ئۆلتۈرۈش ياكى ھېلىقى سەتەڭ بىلەن بىرگە بۇلۇش قالدۇرۇلدى. بالا كۆپ ئويلىنىپ ھاراقنى تاللىدى ۋە مەسلىكتە بالىنىمۇ ئۆلتۈردى، سەتەڭ بىلەنمۇ بىرگە بولدى.....بۇ ئىبرەتتىن ئەمسە بالنى ئۆلتۈرۈش ياكى ھېلقى سەتەڭ بىلەن بىرگە بۇلۇش كېرەككەندە دىگەن مەنا چىقماسلىقى مۇمكىن. بىز مۇشۇنىڭ ئۆزىدىنلا ھاراق- شارابنىڭ جىنايەت، ئەخلاقسىزلىق، ھاياسىزلىق، ۋە شەرمەندىلىككە ئەڭ يېقىن ئىكەنلىگنى كۈرۈپ يېتەلەيمىز. ئەڭ توغرا ۋە ئاقىلانە تاللاش، جان كەتسىمۇ ئىچمەسلىك. ئادەمنىڭ نەپسى- لەۋزى ھالال نەرسە. ياراتقۇچى پۈتۈن ئالەمدىكى بارلىق نېئمەتلەرنىڭ ھالىلىنى تاللاپ بۇزۇقچىلىق، ئىسراپچىلىق قىلماي خالىغانچە بەھىرلىنىڭ ھۇقۇقىنى سىزگە بەردى. يەنى ھالال نەپسىڭىزنى ھالالدىن تويدۇرۇش- تولدۇرۇش سىزگە بىرىلگەن ئمكانيەت. ئەمما چەكتىن ئاشماڭ. مەلۇم بىر نەرسلەرنىڭ چەكلىنىشى جەزمەنكى ئۇنىڭ ئىنسانغا، دۇنياغا، ئەخلاققا، ئاخىرەتكە زىيانلىق بولغانلىقى ئۈچۈندۇ. تاللاپ يېيىش سىزنى سائادەتكە يېقىن قىلدۇ.
ھاراق سىزنىڭ ئىقدىسادىڭىزغا زىيان سالدۇ. ياش ئىجادىيەت تەتقىقاتچىسى ئابلەت ئابدۇرشىت بەرقى « نامراتلىقنىڭ يىلتىزى نەدە؟ » ناملىق ماقالىسدا شىنجاڭلىقلارنىڭ ھاراق ئىستىمالىدىكى كىشنى چۆچۈتكىدەك ئەھۋاللارنى مۇنداق سىتاتىسكا قىلىپ چىقىدۇ:
«نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ ھەر يىلى 120 مىڭ توننا ئاق ھاراق،30مىڭ توننا ئۈزۇم ھارىقى، 350 مىڭ توننا پىۋا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بار»ئىكەن. مۇشۇ سىتاتىسكا بىزنى نۇرغۇن ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ. ھەتتا بىز سانلارنى سۆزلىتىش ئارقىلىق بايلىق كۆز قارىشىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقنى ئىسپاتلاپ چىقالايمىز. ئەڭ ئاۋال تەكىتلپ قۇيۇشقا تېگىشلىك مەسلە، ھاراقلەشلىك رايونىمىزدىكى ئەڭ ئېغىر ئىجتىمائىي مەسللەرنىڭ بىرى. ئەمدى ئۆز گىپىمىزگە يانساق، 120 مىڭ توننا ئاق ھاراقنى كىلوگىرامغا ئايلاندۇرساق، 120 مىليۇن كىلوگىرام ھاراق بولدۇ. بىر بوتۇلكا ھاراقنى بىر جىڭ ئۆلچەم بويچە ھېسابلىساق، 240 مىليۇن جىڭ ياكى 240 مىليۇن بوتۇلكا ئاق ھاراق بۇلۇپ چىقىدۇ. ھەر بىر بوتۇلكا ئاق ھاراقنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسىنى تەخمىنەن 10 يۇەن دەپ ھېسابلاپ (مىنىڭچە، چۇقۇم ئون يۇەندىن يۇقىرى چىقىدۇ. لېكىن مەن ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەم بويچە ھېسابلىدىم )، 240 مىليۇن بوتۇلكا ھاراقنى 10 يۇەنگە كۆپەيتسەك، 2 مىليارد 400 مىليۇن يۇەن كېلىپ چىقىدۇ. ھەر بىر بوتۇلكا ھاراقنى ھەر خىل شەكىلدە ئورتاق نىسبەتتە 50 يۇەنلىك زاكوسكا بىلەن ئىچىدۇ دىسەك، 14 مىليارد مىليۇن يۇەن بولدۇ. يەنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايوندىكى تەخمىنەن 19 مىليۇن 500 مىڭ خەلىق بىر يىلدا ھاراق ئۈچۈن 14 مىليارد 400 مىليۇن يۇەن خەجلىگەن بولدۇ، ئۇقۇرمەنلەر ئېھتىمال بۇ ھاراقلارنىڭ بىر قىسمى ئىچكى ئۆلكىلەر چەتئەللەرگە چىقىرىلدۇ، ھەممىنى بىز ئىستىمال قىلمايمىز، دەر. لېكىن مەن باشقا ئۆلكىلەر ۋە چەتئەللەرگە چىقىرۋاتقان ھاراق- شارابلارنى بىزگە كىرۋاتقان ھاراق- شارابلار بىلەن يېپىشتۈرۋەتتىم، ھەتتا ھەر قايسى جايلاردا-يەرلىك ئۇسۇلدا ئىشلىندىغان ئاۋاتنىڭ مۇسەللىسى، قازاقلارنىڭ قىمىزى، خوتەننىڭ مەيزىپى، پالانى يەرنىڭ بوزىسى دېگەندەك ئىچىملىكلەرنى بۇ قاتارغا قوشمىدىم. دېمەك، شۇنداق نامرات شىنجاڭ خەلقى بىر يىلدا ھاراق- شاراپ ئۈچۈن 14، 15 مىليارد پۇل خەجلىدى دىگەن گەپ.
دېمەككى، بىز ھاراق- شاراپقا بېشچىلاپ كىرىپ كەتكەن خەقلەرمىز. ھاراق ئىچىپ ئۆزنى كونترول قىلالماي جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قويدىغان، ھوشىنى بىلمەي خەقنىڭ خوتۇنلىرغا چاقچاق قىلىپ ياكى باشقىلارنىڭ ئىززىتىگە تېگىپ قوپۇپ جېدەل تېرىيدىغان، سېرىتلاردا مەستلىكتە يېتىپ توڭلاپ قالدىغان، مەستلىكتە كېلىپ خوتۇن- باللىرنىڭ ئۇيقۇسنى بۇزۇپ، دۇمبالايدىغان.....ئەھۋاللار بىزدە كۈندە دېگۈدەك كۆرلۈپ تۇردۇ.
بۇرادەر، ئاشۇ ھاراقنى قايسى پۇلغا، كىملەرنىڭ ھەققى بەدىلىگە ئىچىسىز؟ بىر يۇتۇم ھاراق ئۈچۈن خوتۇن- باللىرىڭىز يەيدىغان- ئىچىدىغان بىر لوقما تائامنى قىسىشىڭىز كېرەك بولدۇ ياكى خوتۇن- باللىرىڭىزنىڭ پۇل يۇشۇرۇپ سەمىميەتسىزلىك قىلشىڭىز، نۇرغۇن ۋاقتىڭىز، زېھنىڭزنى قۇربان قىلىشىڭىزغا توغرا كېلدۇ. بىچارە خوتۇنۇڭىزنى ئايال كىشى بۇلۇپ تۆرەلگىنىگىمۇ تويغۇزماڭ. ئۇ تۈن كېچىلەردە ماڭا ھەمراھ بولارمىكىن دەپ سىزگە تەگكەن. ئۇنى يالغۇز تاشلاپ قۇيۇپ شارابنىڭ كەينىدىن سوكۇلداپ كەتمەڭ. ئۇ سىزنى قەيەرلەردە دۈم چۈشۈپ يېتىپ قالاركىن، دەپ ئەندىشىدە تىك ئولتۇرمىسۇن. ئالىملار ئەر- خوتۇنلارنىڭ مەستچىلىكتە تۆرەلگەن باللىرنىڭ بىنورمال، ئەقلى كەمتۈك، دەلدۈش، تۇلۇق يىتىلمىگەن ۋە مېيىپ، ئەيبىناق ھالەتتە تۇغۇلۇش نېسبىتىنىڭ ئىنتاىن يۇقىرى بولدىغانلىغىنى دەلىللەپ چىققان. ئۆزىڭىزگىلا ئەمەس، پەرزەنتلىرىڭزگىمۇ قۇشۇپ زىيان سالماڭ. ئۇلار سىزدىن، سىزنىڭ ئادەت- پەزىلىتىڭىزدىن يىرگەنمىسۇن، غەزەپلەنمىسۇن، سىزگە لەنەت ئۇقۇمسۇن. سىزنىڭ مەستلىكتىكى رەسۋالارچە تۇرقۇڭىزدىن نۇمۇس ھېس قىلمىسۇن. ئەڭ يېقىن كىشلىرىڭىزگە ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ شەرمەندە تەرىپىڭىزنى ئاشكارلىغۇڭىز بارمۇ؟ بەخىىت، ئىناقلىق، بايلىق- ساقلىقنى مەستلىك- نەستلىك- پەسلىككە تېگىشىشنى شۇنچىۋالا ئارزۇ قىلامسىز؟ ھاراق- شارابسىز ئېچىلىپ يېيلىپ ئولتۇرۇش زادىلا مۇمكىن ئەمەسمۇ؟ دوستۇڭىزنىڭ، باشلىقىڭىزنىڭ كۆڭلىنى يەردە قويالمايمەن دەپ ئىچىسىز. ئۇلارنىڭ كۆڭلى مۇشۇنداق سېسىق، زەھەرلىك ۋە شۇم نىيەتكە تولغانمۇ؟ سىز يات بىراۋنىڭ ئەخمەقلارچە، خۇمپەرلەرچە كۆڭلىنى دەپ ئۆز جېنىڭىزغا تىغ ئۇرۇشنى شاتلىق دەپ بىلگۈچىلەردىنمۇ؟.....
ھەزەر قىلىڭ، بۇرادەر. كۆڭلۈم دەپ پاكىز، ئىزگۈ نەرسىلەرنى ئەمەس، سېسىق ھارام بۇس تەڭلىگەنلەرنىڭ يۈزىگە تۈكۈرۈڭ. «ھاراق- تاماكا ئىچمەيدىغان ئەر يارامسىز ئەر»، «ئوغۇل بالا دىگەن ھاراق- تاماكا ئىچىلمىسە ئۇنىڭ نەرى ئەركەك» دىگۈچىلەرگە لەنەت دەڭ. ئۇلاردىن پەش قېقىپلا كىتىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. ئۇلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخرەتلىكىگە ۋاي. «مۇشۇ بىر قەدەھنى ئىچۋەتمىسەڭ راستىنلا خاپا بۇلۇپ قالمەن، دەپ ئىبلسلارچە قول تەڭلەپ تۇرغانلارنىڭ قولىنى ياندۇرۋېتىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. بىر قېتىم جاھىللىق بىلەن ئىچكىلى ئۇنىمىسىڭىز، ئۇلار ئىككىنچى رەت سىزگە بىرەر نەرسە ئۇزااتمايدۇ. ئۇلاردىن ئايرىلىپ قالارمەنمىكىن، دەپ غەم يەپمۇ يۈرمەڭ. بەدقىلىق، پايدىسىز ئىش- ئەمەلنىڭ تۇتقۇنى بۇلۇپ قالغان ئاغىنلەردىن ئايرىلىپ قالسىڭىز نىمە بوپتۇ؟ بۇ قايغۇرغۇدەك ئىش ئەمەس. ھەدىستە دېيىلگەندەك: بىر كىشنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە پايدىسى بولمىغان نەرسىنى تەرك ئىتىشى ئىسلامنىڭ ياخشىسىدىندۇر. ئەڭ ياخشىسى سىلىق رەت قىلىڭ، ئۇلارغىمۇ ئىچمەسلىق ھەققىدە نەسىھەت قىلىڭ. ئىچىپ كۆنۈپ قالغان بولسىڭىزمۇ قەتتئىيلىك بىلەن تاشلاشقا ئۇرۇنۇڭ. تاشليالمايمەن دېيىش بىكار گەپ، ئىچكۈسى بارلارنىڭ باھانىسى. مەن 50 يىللاپ كوزدا چىلىشىپ ياتقانلارنىڭمۇ ھاراقتىن قول ئۈزۈپ، ئىسىت نېمىشقىمۇ ئىچەر بولغىيتىم ئاشۇ مەينەت سۇيۇقللىقنى دەپ پۇشايمان ئىلكىدە ئاھ ئۇرغىنىنى جېق ئاڭلىغان، كۆرگەن قەتىئيلىكلا ھاراق- شارابتىن، بالا- قازانىڭ مەنبەسىدىن يىراقلىشىشىدىكى تۈپ ئەڭگۈشتەر. پەيغەنبەر ئەلەيھسالام ئىنتايىن ئاقىلانلىق بىلەن ئېيتقان: «ھاراقتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى ئۇ ھەممە يامانلىقنىڭ ئاچقۇچدۇر». يامانلىقنىڭ ئىشتابېغىغا چىڭ ئېسىلىپ مېڭىش ئۆزىنى ھەقىقى ئەر چاغلايدىغانلارنىڭ تاللىشى ئەمەس.
«ئەرلەرگە 101 تەكلىپ- كۆزۈڭنى ئاچ، ئۆزۈڭنى تاپ ئەركەكلەر» دىن ئېلىندى، ئاپتۇرى نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇن.
باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ! ماقالنى كۆرۈپ بۇلۇپ ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ.





